Kayıtlar

تۆت ئىمام نېمە دەيدۇ؟

Resim
باش بەتكە قايتىڭ   فۇرقان پەتىۋالار مەجمۇئەسىگە قايتىڭ تۆت ئىمام نېمە دەيدۇ؟ ( ئىمام ئەلبانىنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئېلىندى ) «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ نېمە دەيدۇ؟ تۆت ئىمامنىڭ ئەڭ چوڭى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبىن سابىتتۇر. بۇ زات ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە ياشىغان. ھىجرىيەنىڭ 80-يىلى (مىلادىيە699-يىلى) تۇغۇلۇپ، ھىجرىيەنىڭ 150-يىلى(مىلادىيە 767-يىلى) ۋاپات بولغان. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرۇشنى خالىماي، تۈرمىگە تاشلانغان، تۈرمىدە ۋاپات بولغان . بۇ زاتنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن ھەرخىل بايانلارنى ۋە تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى رىۋايەت قىلغان . ئۇنىڭ مەزھەپ ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى«ھەدىسنى تۇتۇش ۋاجىپب، ئەگەر ئىماملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەدىسكە زىت بولسا، ئىمامنىڭ كۆز قارىشى تۇتۇلمايدۇ» ھەققىدە بولغان. ئىمام ئەزەم مۇنداق دېگەن : « سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن، شۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.»[1 ] « بىزنىڭ دەلىلىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ، كۆز قارىشىمىزن...